بۇنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىمان ئالىيۇف بۈگۈن بېيجىڭدا جاكارلىغان.
ئىمان ئالىيۇف بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشكەنتتە تەسىس قىلغان تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىمۇ ئەمدى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تېررورچى، بۆلگۈنچى، رادىكال كۈچلەردىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرگە ۋە چېگرا ئاتلىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنى باشلايدۇ، دېگەن.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئەزالىرى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت. موڭغۇلىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتناشقان. ئىسلانكا بىلەن بىلورۇسىيە بۇ تەشكىلاتقا ھەمسۆھبەت دۆلەت.