بوشۈن تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي يۈك ئاپتوموبىل ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر شاڭخەيدىكى بىرنەچچە كىچىك گېزىتلەردە بېرىلگەندىن باشقا، ھۆكۈمەتنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
مۇستەقىل ئوبزورلار تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن 7 مىڭ 300 نەپەر ساقچى، 70 تىن ئارتۇق ساقچى ئاپتوموبىلى ئەۋەتكەن. نامايىش جەريانىدا ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
تەخمىنەن 70تىن ئارتۇق ئىشچى قولغا ئېلىنغان.
ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى نامايىشتا نامايىشچىلاردىن 3 كىشى ئۆلگەن، ساقچى تەرەپتىن ئىككى ساقچى ئېغىر يارىلانغان، 5 نەپىرى يېنىك يارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە نامايىش جەريانىدا يەنە بەزى ئاپتوموبىللار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ نامايىش خىتايدا ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور نامايىش ھېسابلىنىدىكەن.