رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە تۈنۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىش تاشلىغان شوپۇرلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان جىددىي ھەرىكەتلىرى سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما كوچىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتكە داۋاملىق تەلەپ قويۇۋاتقان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە يۈك ئاپتوموبىل شىركەتلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى ئازايمىغان، بەلكى كۆپەيگەن.
شاڭخەيدە يېقىلغۇ باھاسى كۈندىن كۈنگە ئۆرلەۋاتقانلىقى ۋە يۈك توشۇش ھەققىنىڭ ھەرخىل ناملار بىلەن تۆۋەنلىتىلىپ، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە يۈك توشۇش شىركەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا سەۋەبچى بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەرلىك ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نامايىش قىلغان شوپۇرلارنى باستۇرغانلىقىغا كۆز يۇمغان ئەھۋال ئاستىدا، سىرتتىن شاڭخەيگە كىرىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى توختاپ قالغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى تەدبىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئىش تاشلىغان شوپۇرلارغا يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلار بىلەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت سىلەرنىڭ تەلەپلىرىڭلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، جاۋابىنى دۈشەنبە كۈنى ئالىسىلەر، دەپ ۋەز ئېيتىشقا باشلىغان.