نامايىش باشلانغان ھامان، ئۈچ ئاپتوموبىلدا ساقچى كېلىپ، ئالدى بىلەن نامايىشچىلارنىڭ شوئار توۋلىشىنى چەكلىگەن، ئاندىن يوللارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئېسىپ، نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلىگەن. نامايىشچىلار پەقەت لوزۇنكا چىقىرىش، خەت-تەلەپ يوللاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللانغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەيدە سوت مەھكىمىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان بۇ ياشلار، ماۋ زېدۇڭ 60 -يىللاردا «يېڭى چېگراغا ياردەمگە بارىدۇ» دەپ ئالداپ شاڭخەيدىن يېڭى چېگرا چۆللىرىگە ھەيدىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئىكەن.
ماۋ زېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەيدىن قوغلاپ چىقارغان 100 مىڭ ئوقۇغۇچىدىن، 1990-يىللاردا 60 مىڭى شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشى قانۇنسىز. ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆي-زېمىنلىرى ئاللىقاچان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ ئۈستىگە ئاسمان پەلەك بىنالار سېلىنىپ بولغان.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ئەينى زاماندا شاڭخەيدىن قوغلانغان شۇ بىر ئەۋلاد ئادەمدىن، يېڭى چېگرادا ئارامغا چىقىپ ئەمدى شاڭخەيگە قايتىپ كەلسە مۇساپىر بولۇپ قالغان 65 ياشلىق جاڭ فامىلىلىك بىر كىشى بار.
