بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىكى بىر دېزىنفېكسىيە ماشىنىسىغا ئوت تۇتۇشۇپ، دوختۇرخانىدا ئالاقزادىلىك پەيدا قىلغان. سېسترالاردىن بىرى ئوت تۇتاشقان ماشىنىنى سۇ سېپىپ ئۆچۈرەلمىگەندىن كېيىن، دوختۇر ۋە سېسترالار دوختۇرخانىدىن قاچقان.
بۇ جەرياندا بىر پۇتى كېسىپ تاشلىنىش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىۋاتقان بىر بىمارمۇ ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە يېرىم سائەت يالغۇز قالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، دوختۇرلار ئىشخانىلىرىغا قايتىپ كىرگەن. ئەمما بۇ چاغدا ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىكى بىمار جان ئۈزۈپ بولغان.
دوختۇرخانا بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى تولۇق ئۈستىگە ئالغان.
ۋەقەنىڭ خەۋەرلەردىكى تەپسىلاتى، ئەسلىدە ئوت ئاپىتى ئالامىتىنىڭ ئۇنچىۋالا دەرىجىدە خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھەم دوختۇرلار قاچقاندا بىمارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى يالغۇز خىتاي جەمئىيىتىدىكى كەسپىي ئەخلاق مەسىلىسىلا ئەمەس، ئىنسانىي ئەخلاق جەھەتتىكى ئاجىزلىق مەسىلىسى دەپ قاراشماقتا.