شاڭخەيدە ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

خىتايچە ئىلى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىم شاڭخەي باش ئەترىتى 22- ئىيۇن كۈنى شاڭخەيدە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

مانېۋىردا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە تېررورچىلارغا قانداق زەربە بېرىش ئۇسۇللىرى مەشىق قىلىنغان. ئەمما خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلىش ئېھتىمالى بولغان تېررورچىلارنىڭ ئېتنىك ياكى سىياسىي گۇرۇپپا تەۋەلىكى بىلدۈرۈلمىگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى شاڭخەيدە بىر قېتىم ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى ۋە 6 نەپەر ساقچىنىڭ ياڭجيا ئىسىملىك بىر خىتاي ياش تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا شاڭخەيدە يەنە 3 نەپەر ئۇيغۇر تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تەييارلىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاي ھازىرغا قەدەر پەقەت ئۆزىگە قارشى كۈچلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىلا ئاشكارا ھالدا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. يەنە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋە زىيارەتچىلەرمۇ، يەرلىك دائىرىلەر ۋە ئامما تەرىپىدىن تېررورچىلار قاتارىدا مۇئامىلىگە يولۇقماقتا.

ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەھدىتنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.