شاڭخەيدىكى بىر يەسلىدە نارەسىدىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

29-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى شاڭخەينىڭ جۇجيەن كوچىسىدىكى مەلۇم بىر يەسلى خىزمەتچىسى قول ھۈنەر دەرسىدە ئىشلىتىدىغان قەلەمتىراچى ئارقىلىق، سەككىز نەپەر نارەسىدە بالىنى يارىلاندۇرغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە دۈشەنبە كۈنى چۈشتە يۈز بەرگەن. يارىلانغان سەككىز بالا ئوخشاش سىنىپتىكى بالىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆت نەپىرى يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان، قالغان تۆتىنىڭ يارىسى بىرقەدەر ئېغىر بولغاچقا ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يەسلى خىزمەتچىسىنىڭ قەلەمتىراچ ئارقىلىق نارەسىدە بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ساراسىمىگە چۈشۈپ، بالىلىرىنى يەسلىدىن ئېلىپ كەتكەن. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، خىتايدا نارەسىدە بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن.