ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈن موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئۆزبېكىستاندا 'چېگرىداش دەريالاردىن پايدىلىنىشتا ھەر تەرەپ ماقۇل بولغان بولۇشى كېرەك' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، تاجىكىستان رۇسىيىنى 'ئۆزبېكىستانغا يان باستى' دەپ ئەيىبلىگەن ۋە رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا قارشى چىقىپ، ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، قازاقىستانمۇ 'خىتاي ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى كۆپ سەرپ قىلىپ، قازاقىستاننىڭ سۇ مەنبەسىنى كاملىتىۋەتتى' دەپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
رۇس مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا سۇ مەنبەلىرى مەسىلىسى كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلەشمەكتە. بۇ مەسىلە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بۇ رايوندىكى سۇ توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ. قايسى بىرى ھەم بۇ رايوندا تېز مەنپەئەت چىقمايدىغان ئىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىر تىنچلىققا مۇھتاج.