بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر بىنا شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، بىنا ئىچىنىڭ بىر قىسىم قەۋەتلىرى رېمونت قىلىنىۋاتقان ئىكەن.
ۋەقەگە شاھىت بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشتا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا ئوت كەتكەن، ئوت كېيىن بىنانىڭ باشقا جايلىرىغا تېزلىكتە كېڭەيگەن.
ئوت ئۆچۈرۈشكە 80 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى كەلگەن ۋە ئوت 6 سائەتتە ئۆچۈرۈلگەن.
ئېغىر يارىلانغان 20 ئادەم دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. نۆۋەتتە يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخى مۇقىم ئەمەسلىكى ۋە بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.