ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، 1950 - ۋە 60 - يىللاردا ئۇيغۇر ئىلىغا چىقىپ بىڭتۈەندە ئىشلىگەن تەخمىنەن 1000 غا يېقىن شاڭخەيلىك خىتاي، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، "ئىنقىلابى ناخشىلار"نى ئېيتقان.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ پىنسىيە پۇلى ۋە داۋالاش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ شۇئار توۋلىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئون نەچچە ساقچى ئاپتوموبىلى ئاجراتقانلىقىنى، لېكىن نامايىشچىلارغا چېقىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىشىغا قارىغاندا، بىڭتۈەنلىك بۇ خىتايلار 50 - 60 - يىللاردا "دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە بارغانلار" ئىكەن.
ئۇلار ھازىرقى پىنسىيە مائاشىنىڭ "شىنجاڭدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى، بۇ شاڭخەينىڭ مائاش سەۋىيىسىگە يەتمەيدىغانلىقى"نى، دائىرىلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، 60 - 70 ياشلاردىكى بۇ ئەرزىدارلارنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا يېقىن يولىمايدىغانلىقىنى، باشقا ئەرزىدارلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. "شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1950 - يىللاردا قۇرۇلغان يېرىم ھەربىي، يېرىم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئورگان بولۇپ، مەزكۇر ئورگان ئۇيغۇر ئىلىدىكى گومىنداڭ قالدۇقلىرىنى ۋە ئىچكىرىلىك پالاندىلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئىدى.