شاۋگۈەن ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 11 كىشى ئۈستىدىن سوتقا شكايەت سۇنۇلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 26 ‏- ئىيۇن كۈنى گۇئاڭدوڭنىڭ شاۋگۇئەن شەھەرچىسىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ مىللى جېدەل چىقىرىپ، 5‏ - ئىيۇل كۈنىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە سەۋەبچى بولغان 11 كىشى ئۈستىدىن سوتقا شىكايەت سۇنۇلدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى كېلىپ چىقتى، دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن گۇئاڭجودىن تارقاتقان خەۋىرىدىمۇ، شاۋگۇئەن شەھەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ۋۇجاڭ رايونلۇق شۆبىسى، شياۋجەنخۇئا قاتارلىق بەش كىشىنىڭ قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش دېلوسى ۋە لۇشاۋچاڭ قاتارلىق 6 كىشىنىڭ ئادەم توپلاپ جېدەل چىقىرىش دېلوسى ئۈستىدىن سوتقا شىكايەت سۇنۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ تەكشۈرۈش ئىدارىلىرى ئېنىقلىغان بۇ ئىككى دېلونىڭ پاكىتلىرى تولۇق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا دېلولار ئۈستىدىمۇ، بىر-بىرلەپ شىكايەت سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.