جۇ يۈنكاڭ شاۋگۇەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنى تەكشۈردى

26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرۇ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جۇ يۈنكاڭ، شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغان.

شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئۇ مەزكۇر زاۋۇتقا كېلىپ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ياتاق - تاماق ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان.

26 - ئىيۇن ئەتىگەندە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر ئىشچىسى، خىتاي ئىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلەردە، ۋەقەدە ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 116 نەپەردىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ئېغىر - يېنىك دەرىجىدە يارىلاندۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ۋەقەدىن كىيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشتۈرمىگەن ئىدى. بۇ ۋەقە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەربىيىسىنى قايتا كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى.

جۇ يۈنكاڭ بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭدۇڭ زىيارىتىدە، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.