شايار ناھيىسىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلقنىڭ ئەرز قىلىشنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتمەكتە

نۆۋەتتە شايار ناھيىسىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جامائەتنىڭ توپلىشىپ ئەرز قىلىش ئىشلىرى ۋە سىياسى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدىكى ئەرزىيەت ئىشلىرىنى كونتىرول قىلىشنىڭ 4 تۈرلۈك چارىسىنى يولغا قويغان.

"شىنجاڭ ئامانلىق تورى" دا كۆرسىتىلىشىچە، شايار ناھيىسىدە يولغا قويۇلغان تۆت تۈرلۈك چارە "ئەرزنىڭ ئالدىنى ئېلىش"، " ئەرزنى يوق قىلىش"، " ئەرزنى نازارەت قىلىش" ۋە" ئەرز قىلىشنى كونترول قىلىش" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

"ئەرزنىڭ ئالدىنى ئېلىش" چارىسىدە، ئاگاھ بولۇش مېخانىزىمىنى ياخشىلاپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يوشۇرۇن ئاپەت ئۈستىدە ئايرىم تەھلىل ئېلىپ بېرىش، مەھەللە ئىچىدىكى خەۋەرچىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئىگىلەپ تۇرۇش كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان د ئو ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىدىغان قىلمىشلار كۆپ بولغاچقا، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئەرزىيەتچىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئەرزىنى ئاقتۇرالماي نامايىش قىلىش ۋە ياكى ئۆچ ئېلىش ۋاستىلىرىنى تاللىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان ئىكەن.