ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان بىر تور بېكىتى ۋەقە توغرىسىدا مۇنداق خەۋەر بەردى": شايار چوڭ بازاردىكى بىر ئويۇنچۇقخانىدا بىر ئۇيغۇر ياش ئويۇنچۇق ئويناۋېتىپ شۇ ئويۇنچۇقخانىدا ئىشلەيدىغان بىر خىتاينىڭ پۇتىغا دەسسىۋالغان ھەم ئۇ خىتايدىن ئەپۇ سورىغان. بىراق بۇ خىتاي بولدى قىلماي ئۇ بالىنى تۇتۇۋېلىپ بىر قانچىنى ئۇرغان. ئويۇنچۇقخانىدىكى باشقا كىشىلەر نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، ئويۇنچۇقخانىدا ئىشلەيدىغان 20 گە يېقىن خىتاي قولىغا پىچاق، كالتەك كۆتۈرۈپ، ئويۇنچۇقخانىدىكى ئادەملەرنى سىرتقا چىقىرىۋېتىپ ئىشىكنى تاقىۋالغان. ھېلىقى ئۇيغۇر بالىنىڭ ئويۇنچۇقخانىدا قېپقالغان ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر ھەر قانچە قىلىپمۇ ئىشىكنى ئاچالماي ج خ ئورگانىغا خەۋەر قىلغان. لېكىن ساقچىلار كېلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى.... ئويۇنچۇقخانىدىكى خىتايلار ھېلىقى بالىنى 2 - قەۋەت دېرىزىدىن پەسكە تاشلىۋەتكەن. بۇ بالا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا ئۆلگەن."
خەۋەردە يەنە، ساقچىلار كېلىپ نەق مەيداننى كۆرگەنلىكى، بىر قانچە ئۇيغۇر ياشنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى، لېكىن ئويۇنچۇقخانىدىكى خىتايلارنى تەكشۈرمەي ئۇلارنى قوغدىغانلىقىنى، 8 گە يېقىن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.