جەڭدە 13 تالىبان ئۆلگەن. پاكىستان قىسىملىرىدىن 3 ئەسكەر ئۆلگەن.
يېقىندا تالىبانلار تىجلىق كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىسلامئاباتقا 100 كىلومېتىر يېقىنلىققىچە ئىچكىرىلەپ كىرگەندىن كېيىن، پاكىستان قىسىملىرىنىڭ قايتارما ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان پاكىستان قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 170 تالىبان ئۆلتۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان دائىرىلىرى تۈنۈگۈندىن باشلاپ، سوفى مۇھەممەد قاتارلىق دىنى يېتەكچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، غەربىي شىمال تەرەپتىكى ماراكەنت رايونىدا تىنجلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.