شېنجېندىكى نامايىشتىن كېيىن 200 ئىشچى قولغا ئېلىندى

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە ئۆتكەن جۈمە، 9-نويابىر كۈنى شېنجېن فۇشىكاڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە زاۋۇتتا نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش يۈز بەرگەن.

18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى دائىرىلەر قامال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن شېنجېن دائىرىلىرى «قالايمىقانچىلىق چىقاردى» دېگەن نامدا نامايىشچىلاردىن 200 ئىشچىنى تۇتۇپ كەتكەن.

زاۋۇتتىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ليۇ فامىلىلىك ئىشچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەن بىر ئىشچىنىڭ زاۋۇتنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىمى تەرىپىدىن ئۇرۇپ-يارىلاندۇرغانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. كېيىن ۋەقە كېڭىيىپ 4 سائەت ئىچىدىلا نەچچە مىڭ كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىغا ئايلانغان. جۈمە ۋە شەنبە ئىككى كۈن داۋاملاشقان نامايىشتا ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن 200 ئىشچى بۈگۈنگە قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەن.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى ۋەقە ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، «جۈمە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ۋەقەنى زاۋۇت باشلىقلىرى بىر تەرەپ قىلالمىدى. ۋەقەنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلدى. ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلمەيدىكەنمەن» دېگەن.

يېقىندىن بۇيان خىتايدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ھۆكۈمەتنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 18- قۇرۇلتايدا بۇ خىل ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.