شېنجېن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر يايمىكەشلەر نامايىش قىلدى

9-مارت شېنجېن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر يايمىكەشلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «تازىلاش» ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىغا كېلىپ، نامايىش قىلدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شېنجېن شەھىرىدە دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەھەردە يايمىكەشلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

بۇ جەرياندا ئۇيغۇر يايمىكەشلەرنىڭ يايما ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۇيغۇر يايمىكەشلەردىن نەچچە ئون نەپىرى سەيشەنبە كۈنى شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلار بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەزەلدىن مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش، زەربە بېرىش ۋە خىتاي شەھەرلىرىدىن ئۇيغۇرلارنى قوغلاش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر يايمىكەشلەرنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى يىغىپ كېتىش جەريانىدا بىر قىسىم يايمىكەشلەر تاياق يەپ، يارىلانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىللىق ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي شەھەرلىرىدىن ھەيدىگەن ئىدى.