7 - تۈركۈم خىتاي كادىرلىرى شېنجېندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا

شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدىن 26 نەپەر كادىر ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلمەكچى. جەنۇبىي شەھەر گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 26 كىشى قەشقەردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن دوختۇرخانىلارغىچە بولغان مۇھىم ئورۇنلاردا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا چاقىرغان "شىنجاڭ خىزمىتى" يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم قىلىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنى 19 ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىسىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. قەشقەر ۋىلايىتى خىتاينىڭ شېنجېن ئالاھىدە رايونىنىڭ ياردەم كۆرسىتىش نىشانى سۈپىتىدە شېنجېنغا بېرىلگەن ئىدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شېنجېندىن كېلىدىغان 26 نەپەر خىتاي كادىرنىڭ 6 نەپىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرى بولۇپ، ئۇلار ئۈچ يىللىق مۇددەت بويىچە قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارىلىق ۋە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، قەشقەر شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى ھەمدە قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە، باشقا 20 نەپەر كىشىنىڭ تېخنىكا خادىمى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك ناملار ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارماقتا. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن يۆتكەشنىڭ يېڭى بىر باھانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شېنجېندىن قەشقەرگە كېلىدىغان 7 - تۈركۈم خادىملار ئىكەن.