خىتاي دائىرىلىرى غەربكە ياردەمگە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ئېلان چىقاردى

خىتاينىڭ ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلىرى يېقىندا، 2011‏-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى غەربكە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش ھەققىدە بىرلەشمە لايىھە ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ لايىھىدە، مەخسۇس شىنجاڭ، تىبەت مۇلازىمىتىگە دەپ تەقسىم قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى، بۇلتۇرقىدىن 17 مىڭ 600 نەپەر ئاشۇرۇش، بۇ تۈرگە قاتناشقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مائاشىغا 1490 يۈەندىن پۇل قوشۇپ بېرىش پىلانلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر، ئۆزىنى شىنجاڭ، تىبەتلەرگە بېرىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان خىتايلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئاشقان.