ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇكىئو خاتوياما ۋە تايلاند باش مىنىستىرى ئابىشى بىرلىكتە، شەرقىي ئاسىيادا خۇددى ياۋروپا بېرلىكىدەك بىر شەرقى ئاسىيا بىرلىكى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا ئامېرىكا باشلامچىلىق رول ئوينىشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىغىندا شەرقى ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 10 دۆلەت ھەممىسى ياپونىيىنىڭ تەكلىپىنى قوللاپ، 2015 - يىلىغىچە بىر ئىقتىسادىي بىرلىك قۇرۇپ چىقىپ، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى خۇددى غەرب ئەللىرىگە ئوخشاش گۈللەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بەزى دۆلەتلەر ئامېرىكىنى بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىدىن سىقىپ چىقىرىش نىيىتىنى ئىپادىلىگەن.
شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشۇش بۇلتۇر 12 - ئايدا بانكوكتا ئېچىلغاندا، ئەينى ۋاقىتتا بۇ شەھەرنىڭ ئايرودرومىدا ھۆكۈمەتكە قارشى شىددەتلىك نامايىش يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن توختاپ قېلىپ كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.