ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى "شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى"نىڭ ئاۋسترالىيىدە ئورۇنلىماقچى بولغان ئويۇنلىرىغا بايقۇت ئېلان قىلدى

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى "شىنجاڭ مۇقام ئانسانبىلى" نىڭ ئاۋسترالىيىدە ئورۇنلىماقچى بولغان سەنئەت نومۇرلىرىغا بايقۇت ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان بارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇھاجىرلىرىدىن مۇقام ئانسامبىلىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

شىنجاڭ مۇقام ئانسانبىلى 1- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ئادىلايت، مىلبورن، سېدنېي قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر مۇقام نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقچى ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئادىلايت قاتارلىق شەھەرلەردە بىلەت سېتىلغان ۋە بىر قىسىم ئائىلىلەر بىلەت سېتىۋالغان ئىدى. لېكىن، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى مۇقام نومۇرلىرىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى باياناتىدا بۇنىڭ "سىياسىي غەرەزلىك بىر ئويۇن " ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ پائالىيەتنى بايقۇت قىلىشنىڭ بىر ۋىجدان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى باياناتىدا مەزكۇر پائالىيەتنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، مەزكۇر پائالىيەتنى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئاۋسترالىيە شىنجاڭ جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقى، ئۆمەك تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلەنگەنلىكى، ئويۇن بېلىتى كونترول قىلىنىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېتىپ بېرىلىشى چەكلەنگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئويۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى غەرىزى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەپرىقىچىلىك پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر قاتار سەۋەبلەردىن ئويۇننى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5"- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر مۇقام نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. 2010 ‏- يىلى ب د ت پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قوغدىلىدىغان مەنىۋى مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 61 بىر يىلدىن بۇيان بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىلى، مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ۋەيران قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق "يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق" قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.