شى جىنپىڭ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي ساھەنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرغان ھەم خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى تەڭشەش جەھەتتە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا يېقىندا ئاۋسترالىيە ۋە فىلىپپىندىكى ھەربىي كۈچىنى تولۇقلىغان ۋە ئاشۇرغان. ئامېرىكا يەنە ياپونىيە ۋە كورىيىدىكى ھەربىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرلىكتە، سىنگاپور ۋە ۋيېتنام بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ئۆتكەن ئايدىكى بىر سۆزىدە، ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.