نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
تۈنۈگۈن، خىتاي خەلق گېزىتى بىر خەۋىرىدە شى جىنپىڭنىڭ ئىسمىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالدى. خەۋەردە پەقەت «رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭلار پېشقەدەم كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسى، گېنېرال مۇ روڭنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇردى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيىسىنى ئىپادە قىلدى» دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە سۆزى كۆرسىتىلمىگەن.
شى جىنپىڭ مەتبۇئاتلاردىن غايىب بولغاندىن بېرى، ئۇنىڭ توپ ئويناپ بېلىنى قايرىۋالغانلىقى، يۈرەك ئوپېراتسىيىسى بولغانلىقى ۋە ھەتتا قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكىگە ئوخشاش سۆز-چۆچەكلەر تارقالدى. ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ جىگىرىدە ئۆسمە پەيدا بولغانلىقى بايقىلىپ، 2-سېنتەبىر كۈنى دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىر 301-ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى ھەم كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ، ئېكراندا پەيدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما مۇخبىرلار 301-ھەربىي دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغاندا، دوختۇرخانا دائىرىلىرى بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوق، دېگەن.