شۇڭا ئۇ كۆپچىلىكنى بۇ تېمىدا سەزگۈر بولۇشقا چاقىرغان. شى جىنپىڭ بۇ تېمىدا توختالغاندا، بۇلتۇردىن بۇيان ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئىسيانلارنى مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئالغان؛ ئۇ سۆزىدە يەنە، «يېقىندا پارتىيىمىز ئىچىدە ئېغىر قانۇنىي ۋە ئىنتىزام مەسىلىرى كۆرۈلۈپ، خەلقىمىزنى چۆچۈتۈۋەتتى» دېيىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بو شىلەي ۋەقەسىنى ئەسلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، پارتىيىسىنىڭ چىرىكلىشىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكىنى خۇ جىنتاۋمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما مەسىلىنى تۈگىتەلمىگەن.
مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلىتىنىڭ يىقىلىش خەۋپى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىڭ توغرىلىقىنى، ئەمما يىقىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر سېكرېتارنىڭ بىرەر چاقىرىقىنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، خەۋپ-خەتەرنىڭ يىلتىزى يالغۇز چىرىكلىكتە ئەمەس، چىرىكلىكنى پەيدا قىلغان سىياسىي سىستېمىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.