شىمالىي كورىيىنىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى بولغان كورىيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30 - يانۋار كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى شۇ كۈنى جەنۇب بىلەن شىمال ئارىسىدىكى " ھەربىي ۋە سىياسى تىركىشىشتىن خالى بولۇش" قا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كېلىشىملەرنى پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي كورىيە يەنە جەنۇب بىلەن ئىمزالىغان دېڭىز چېگرا كېلىشىمىنىمۇ بىكار قىلغان.
شىمالىي كورىيە ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالغا قارشى ھەرىكىتى سەۋەبىدىن كۈنسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى " ئۇرۇش بوسۇغىسىغا ئاپىرىپ قويغانلىقى" نى تەكىتلىگەن. جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى بولسا شىمالنىڭ ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنت سارىيىنىڭ بىر ئەمەلدارى " بۈگۈنكى بايانات شۇنداقلا شىمالىي كورىيە خەلق ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ 17 - يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان باياناتى قاتارلىقلار شىمالنىڭ يېقىندىن بېرى جەنۇبىي كورىيىنى نىشان قىلغان سۆز - ھەرىكىتى بىلەن پۈتۈنلەي بىر يەردىن چىقماقتا. ھۆكۈمىتىمىز ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى ئالىدۇ،" دېگەن.