شىمالىي كورىيە ھازىر ئامېرىكىغا قارشى دۆلەتلەرنى چەكلەنگەن قوراللار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، شىمالىي كورىيىنى سۈرىيە، ئىران ۋە بېرمالارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قورال تېخنىكىسىنى تارقاتتى دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بۇ 75 بەتلىك مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئامېرىكا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان 'خىتاينىڭ ئىتتىپاقدېشى شىمالىي كورىيە، ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنى خەلقئارادا چەكلەنگەن مۇھىم قوراللار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ' دېگەن مۆلچەرنى تولۇق تەستىقلىغان.

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەييارلىغان بۇ دوكلاتنىڭ تارقىتىلىشىنى 6 ئاي كىچىكتۈرگەن. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۈگۈن ئېلان قىلدى.