رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، 25 - ماي شىمالىي كورىيىنىڭ " يەنە بىر قېتىم نەتىجىلىك يادرو سىنىقى" ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەزكۇر خەۋەر مەيدانغا چىققاندىن كىيىن، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر كورىيىنىڭ يادرو سىنىقىنى ئەيىبلىدى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى تارو ئاسو، شىمالىي كورىيە ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە " بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز" دېدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى جوس مانۇېل بارروسو، كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى باشقىلارنىڭ" چىشىغا تېگىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما:" ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارىتا چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ۋە " شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان يادرو بومبا سىنىقى، دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بۇ تەلۋە قىلمىشىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىمەن،" دېدى.