شۇنداقلا، شىمالى كورىيىنىڭ ئاتوم سىنىقى بىۋاستە ئامېرىكا تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى بەلكى بۇ تامامەن رايون خارەكتىرلىق تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ، خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بار ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىمالى كورىيىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.
خىتاي گېنېرالى ماشاۋتىيەن بۇ مەسىلىدە، خىتاي ئۆزىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شىمالى كورىينى يادروسىزلاندۇرۇلۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەشكە چاقىردى. شۇنداقلا يەنە 'بىز يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشگە باشتىن - ئاخىر قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز' دەپ جاكارلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالى كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بامبا سىناق قىلىشلىغا قارىتا، ھازىر ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەر بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييار تۇرماقتا.
رويترس ئاگېنتلىىقنىڭ ياپونىيىنىڭ كادېنادىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما بۈگۈن ياپونىيە باش مىنىستىرى تاروئاسو بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كېلىشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئالى تېخنىكىلىق 12 دانە F - 22 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانى ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى.