فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ۋول سترىت ژۇرنىلى گېزىتىدە بېرىلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، چىكاگوغا جايلاشقان قورال - ياراق ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تەتقىقات مەركىزى، مال يەتكۈزۈش تالونىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن شىمالىي كورىيىدىن 35 توننا قورال بېسىپ يولغا چىققان مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ئىرانغا بارىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تايلاند دائىرىلىرى بۇ يانىڭ 11 - كۈنى باڭكوك ئايرۇدۇرۇمىغا ماي قاچىلاش ئۇچۇن قونغان ئىليۇشىن 76 تىپلىق يۈك ئايروپىلانى قورال قاچىلانغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئايروپىلان شىمالىي كورىيىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ 4 نەپىرى قازاقىستان پۇقراسى 1 نەپىرى بېلورۇسىيە پۇقراسى ئىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيىدىن قورال بېسىپ يولغا چىققان بۇ ئايروپىلان ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئامېرىكا دائىرىلىرى يەتكۈزگەندىن كېيىن، تايلاندنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئايروپىلان باڭكوكقا قونغاندىن كېيىن تۇتۇپ قالغان.
بۇ يىل ئىيۇندا شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن شىمالىي كورىيىنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىشىغا ئېمبارگو قويۇلغان ئىدى.