جەنۇبىي كورىيە ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، كىم جوڭ ئىل ئالدى بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىگە پويىز بىلەن يېتىپ بارغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەمىنلىگەن دۆلەتلىك مېھمانخانىغا چۈشكەن.
خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، كىم جوڭ ئىل ئالدىنقى يىلى ئوغلى كىم جۇڭ ئۇننى ھوقۇق ۋارىسى قىلىپ بېكىتكەندە خىتايغا بىللە ئېلىپ بارغا ئىدى.
كىم جۇڭ ئىلنىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىدە يۈز بېرىۋاتقان ئاچارچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىش ئالدىدا تۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى روبېرت كىڭ 24-مايدىن 28-مايغىچە، شىمالىي كورىيىگە بېرىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ قانچىلىك ئاشلىققا موھتاج ئىكەنلىكنى باھالاپ چىقىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت شىمالىي كورىيىگە يەنە ئامېرىكا خەلقئارالىق تەرەققىيات ئىدارىسىدىنمۇ خادىملار بارىدىكەن.
شىمالىي كورىيىدە ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى ئاشلىق زاپىسىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىدى.