شىمالىي كورىيىنىڭ« ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا يەنە، «سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى، ئىككىلەنمەي ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سەيشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا راكېتا قويۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان ۋە شىمالىي كورىيىگە ئېمبارگو قويغان ئىدى.
لېكىن شىمالىي كورىيە ب د ت نىڭ قارارىغا شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، راكېتا ۋە يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكىغا يادرو ئوق بېشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان راكېتا بىلەن زەربە بېرىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش تەييارلىقىنى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ بولغان.
شىمالىي كورىيە باياناتىدا يەنە سېئۇلغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر سېئۇل شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدە داۋاملىق ئامېرىكىغا قارىغۇلارچە ئەگەشسە، 1992-يىلى ئىمزالانغان «كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش توغرىسىدىكى ئورتاق خىتابنامە» نى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.