شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىناق قىلىشى خەلقئارادا قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە 3-قېتىم يادرو سىناق قىلدى. ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ سىناقنىڭ يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، سىناقتا ئالدىنقى قېتىمقى بومبىلاردىن كىچىك ھەم يەڭگىل، ئەمما پارتلاش دەرىجىسى ئىنتايىن زور بولغان بىر يادرو بومبىسىنىڭ سىناق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىناق قىلىشى ب د ت تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئەمما شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنىڭغا قارىماي سىناق قىلىشى خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا قىلىنغان تەھدىت، دېدى ۋە شىمالىي كورىيىگە كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋەقەگە شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى خىتاينىڭ نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا بولدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ سىناققا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەشتىن ۋە ئۇنىڭغا قارشى جازا تەدبىرى ئېلىشنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ۋە جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى پارك گۇنخاي شىمالىي كورىيىنى رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت قىلىش بىلەن قاتتىق ئەيىبلىدى.