شىمالىي كورىيىنىڭ قوشنىلىرى ھەربىي ھازىرلىقىنى كۈچەيتتى

شىمالىي كورىيە يەر ئاستى ئاتوم سىنىقى قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە ھەربىي ھازىرلىقىنى كۈچەيتتى.


يۇقىرىقى ئىككى دۆلەت نۆۋەتتە يەنە شىمالىي كورىيىنىڭ زادى قانداق بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن،ا شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنى كۆزىتىشكە باشلىغان.

جەنۇبىي كورىيە چارشەنبە كۈنى ھەربىي ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن «دەل تېگىش دەرىجىسى ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرى يەنە، بۇ بومبىلارنىڭ «شىمالىي كورىيىدىكى ھەر قانداق نىشانغا، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىغان» لىقىنى، نۆۋەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۆتكەش قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە دائىرىلىرىمۇ شىمالىي كورىيە يادۇر سىنىقى قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا ھەربىي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ھاۋادىن رادىئوئاكتىپ زەررىچە ئۆرنەكلىرىنى يىغىشقا يولغا سالغان ئىدى.

ياپونىيە يەنە، ئۆزىنىڭ غەربىي - شىمال قىرغىقىغا كۆزىتىش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنى توپلاشقا باشلىغان.

شىمالىي كورىيە 2006 - يىلدىن 2009 - يىلىغىچە پلۇتونىيدىن ياسالغان ئاتوم بومبىسى پارتلاتقان. نۆۋەتتە غەرب ئەللىرى شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇراندىن ياسىلىدىغان ئاتوم بومبىسى ياسىغان - ياسىمىغانلىقى بىلىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتكەن.