شىمالى كورىيە خىتايغا داۋاملىق يادرو سىنىقى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

شىمالىي كورىيە خىتايغا بۇ يىل ئىچىدە يەنە بىر ياكى ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيە بىلەن دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاي ۋە شىمالىي كورىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شىمالى كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، يەنە راكېتا سىناق قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىمالىي كورىيە 12‏-فېۋرال ئۆزىنىڭ 3‏-قېتىملىق يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر خەۋەرنى ئاشكارىلىغان مەنبە يەنە، 4‏-قېتىملىق يادرو سىنىقىنىڭ كۈچى 3‏-قېتىملىق سىناقتىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي كورىيە شىمالنىڭ 3-قېتىملىق يادرو سىنىقىنىڭ پارتلاش كۈچى 6-7 كىلوتوننىغا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، 4-قېتىملىق يادرو سىنىقىنىڭ پارتلاش كۈچىنى 10 كىلوتوننىغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

شىمالىي كورىيە 2006‏-يىلى ۋە 2009-‏يىلى ئۆتكۈزگەن ئىككى قېتىملىق يادرو سىنىقىدىن كېيىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېمبارگو قارارى ماقۇللاپ، ئۇنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.