شىمالىي كورىيە زور كۆلەمدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى

15 - پارىل كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ پايتەختى پىيوڭياڭ شەھىرىدە كىم ئېرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

ھەربىي پاراتتا كىم جۇنيۇن سۆز قىلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ تۆھپىلىرىنى مەدھىيلىدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ كىم جۇن يۇننىڭ دادىسى ئۆلۈپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

كىم جۇنيۇننىڭ سۆزى 20 مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇ بوۋىسى كىم ئېرسىن ۋە دادىسى كىم چوڭىلنىڭ تۆھپىسىنى ماخاتاپ، «بىز ئىلگىرىكى ھەممە ئادەم ئالدىيالايدىغان ئاجىز دۆلەتتىن كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان ھەربىي سىياسىي قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇق، بىزنىڭ خەلقىمىز مۇستەقىللىق ئىپپەت - غۇرۇرىنى ئىپادىلىدى»، دېگەن.ئۇ سۆزىدە شىمالىي كورىيىنىڭ پۈتۈن بەدەللەر ئارقىلىق ھەربىي قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شىمالىي كورىيىنى قۇدرەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلغان.

شەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە 6 دانە راكېتا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ سىناق مەغلۇپ بولغان ئىدى.