شىمالىي كورېيە رەھبىرى رۇسىيە زىيارىتىنى باشلىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭ ئىل شەنبە كۈنى رۇسىيىگە قاراتقان مەخپىي زىيارىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئۇ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى ئامۇرسكىي رايونىدىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلغان.

رۇسىيىنىڭ «نەۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم چوڭ ئىلنىڭ ئالاھىدە نىقابلانغان پويىزى شىمالىي كورىيىدىن رۇسىيە چېگرىسىغا كىرگەندە پرېزىدېنت مېدۋېدېۋنىڭ يىراق شەرقتە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى قارشى ئالغان.

پىلان بويىچە كىم چوڭ ئىل بىلەن پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋ 23-ئاۋغۇست كۈنى جەنۇبىي سىبىرىيىدىكى بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇلان-ئۇدې شەھىرىدە رەسمىي ئۇچرىشىدىكەن.

بۇ، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى بىرىنچى قېتىملىق رۇسىيە سەپىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ مەزكۇر سەپىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى ئاشلىق ياردىمىگە ئېرىشىش ۋە رۇسىيىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پىلانىغا ياردەم كۆرسىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش دەپ قارالماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيە ئانالىزچىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ يەنىلا قەدەم-قەدەم خىتايغا ئەمەس، بەلكى رۇسىيىگە تايىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.

كىم چوڭ ئىل باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ كۆرىشىدىكەن. ئۇ بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى بىر قېتىم رۇسىيىنى مەخپىي زىيارەت قىلىپ، پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. كىرېمىل سارىيى كىمچوڭ ئىلنىڭ رۇسىيىنى زىيارىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، يېقىندا رۇسىيە پىيوڭياڭغا 50 مىڭ توننا ئاشلىق ئىئانە قىلغان.