شىمالى كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى 28 دۆلەتنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى
2012.12.12
بۇ شىمالىي كورىيىنىڭ 2006-يىلدىن بۇيان 5-قېتىم سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى بولۇپ، ئالدىنقى 4 قېتىملىقى مەغلۇپ بولغان ئىدى. گەرچە 5-قېتىملىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالى كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىشى جەنۇبىي كورىيە ھەم كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى بولسا، شىمالىي كورىيىنى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش نامى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇزاق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى دەپ ئەيىبلىگەن.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،12-دېكابىر كۈنىنىڭ ئۆزىدە 28 دۆلەت شىمالىي كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. شىمالىي كورىيىنىڭ قوشنىسى ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا يىغىن چاقىرىپ، شىمالىي كورىيىگە ئېمبارگو قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە تەرەپمۇ شىمالىي كورىيىنى سۈنئىي ھەمراھ نامى ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى دەپ ئەيىبلىدى.
شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا سوغۇققان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان خىتايمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.