خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللار تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا يادرو قوراللار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىمى بۈگۈن شىمالىي كورىيىگە يەنە قايتىپ بارغان. شىمالىي كورىيىدە زىيارەتتە بولغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ خەلقئارانىڭ يادرو قوراللىرى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو قوراللار نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جياڭ يۈ سۆزىدە يەنە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا، خىتاي، شىمالىي كورىيە، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ھەم رۇسىيە قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ ئورتاق سۆھبىتى ھەم تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيە تۈنۈگۈن يەنپىڭ ئارىلىغا يېقىن جايدا ھېقىقى زەمبىرەك ئوقى ئېتىش مانېۋىرى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە تەرەپ جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قايتۇرما زەربە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە تەرەپ بولسا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ مانېۋىرىنىڭ كورىيە ئارىلى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.