شىمالىي كورىيە: «ئەخمەق سىياسەتچىلەر ۋە جەنۇبىي كورىيە قورچاقلىرى بىزدىن ئۆزگىرىشنى كۈتمىسۇن»
2011.12.30
شىمالىي كورىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ناھايىتى تولۇق ئىشەنچ ۋە كەسكىنلىك بىلەن شۇنى جاكارلايمىزكى، دۇنيادىكى ئەخمەق سىياسەتچىلەر ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ قورچاقلىرى بىزنى ئۆزگىرىدۇ، دەپ ھەرگىز ئۈمىد كۈتمىسۇن.»
باياناتتا يەنە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ كىم جۇڭئېلنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككى غەيرىي رەسمىي ۋەكىل ئەۋەتىشى «كەچۈرگۈسىز بىر قىلمىش» دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيە لىدىرى لى ميۇڭ باك بىلەن ھەرگىز ئالاقە قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
شىمالىي كورىيىنىڭ سابىق لىدىرى كىم جۇڭئېل 17-دېكابىر كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا كىچىك ئوغلى 29 ياشلىق كىم سۇڭئىل ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت ۋە ئارمىيىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
دۇنيا دۆلەتلىرى ھازىر يادرو كۈچىگە ئىگە بولغان بۇ يېڭى ياش رەھبەرنىڭ قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقان ئىدى. بېزىلەر ھەتتا كىم جۇڭئېلنىڭ ئۆلۈمى بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ ئاياقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىشقان. ئەمما شىمالىي كورىيىنىڭ بۈگۈنكى باياناتى، بۇ ئۈمىدلەرنى يوققا چىقارغان بولدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا كىم جۇڭئېلنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى بۇ يېڭى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، كېلەر ھەپتە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى كۇرت كەمپېل بېيجىڭ، سېئۇل ۋە توكيولاردا زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ كىم جۇڭئېلنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن رايوندا زىيارەتتە بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.