بۇ دوكلاتتا، شىمالىي كورىيە ئىرانغا ۋە ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى خىتاي ئارقىلىق يۆتكەۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن شىمالىي كورىيىنىڭ ئىرانغا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ خىتاي ئارقىلىق توشۇلۇۋاتقانلىقىدىن تېنىۋالدى. بەلكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ، ب د ت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ۋە شىمالىي كورىيىنى جازالاش كومىتېتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، دەپ جاكارلىدى.