مۇساپىرلار كومىسسارىياتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «بۇ يىل 2-ئايدا خىتايدا قولغا ئېلىنغان 25 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مۇساپىرلار كومىسسارىياتى باياناتچىسى ئادرىيان ئېدۋاردس ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ كىشىلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىكرىمىزنى يەتكۈزدۇق» دېگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگان بۇ كىشىلەرنىڭ توغرا قاناللار ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
جۈمە كۈنى يەنە جەنۇبىي كورىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. جەنۇبىي كورىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى جۈمە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم سۇڭ خۋەن قاتناشقان بىر قېتىملىق يىغىندا مەزكۇر قارار لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لې ميۇڭ باك، شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىغا خەلقئارا قائىدە نىزاملارغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر ئەھدىنامىنى ئىجرا قىلىشتىن ئىزچىل باش تارتىپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.