ھۆججەتتە ھەر بىر ئىدارە ئاز دېگەندە شىنجاڭ گېزىتىدىن بىر سانغا مۇشتەرى بولۇشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇشتەرىلىققا بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىشى ۋە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئىشىغا، ئىدارىنىڭ بىرىنچى باشلىقى مەسئۇل بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
ئادەتتە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى دەپ تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان 60 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر گېزىتكە تېخىچە مەجبۇرىي مۇشتەرى قوبۇل قىلىش، ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ زورلاپ سېتىلىشى، رايوندىكى خەلق ئىچىدە خىتاي ئاخبارات ئۇچۇرلىرىغا بولغان ئىشەنچسىزلىك ۋە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىن بىزارلىقنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ھۆججەتتە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئىشىنى ياخشى ئىشلەش-ئىشلىمەسلىك، مەسئۇل رەھبەرنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ نامايەندىسى دەپ كۆرسىتىلگەن.