شېنجىندا مىڭدىن ئارتۇق كىشى يول توسۇپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

شېنجىن شەھىرىنىڭ بۇجى بازىرىدىكى ئاھالىلەردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى شەھەر ئىچىدە يول توسۇپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2 ئاينىڭ ئالدىدا دائىرىلەر شېنجىننىڭ بۇجى دېگەن بازىرى ياقسىدا بىر ئېلىكتىر ئىستانسىسى ۋە بىر ئەخلەت كۆيدۈرۈش مەيدانى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


ئاھالىلەر ھەر ئىككى قۇرۇلۇشنىڭ بازار تەۋەلىكىدىكى مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنى پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. ئەمما ئىككى ئايغىچە دائىرىلەردىن بۇ چاقىرىققا ئىنكاس قايتمىغان. نەتىجىدە پەيشەنبە كۈنى بۇجى بازىرىدىكى ئاھالىلەردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى، قولىدا سېرىق لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ مەزكۇر ئىككى قۇرۇلۇشقا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىش داۋامىدا تەرتىپ ساقلاۋاتقان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. بۇ جەرياندا ساقچىلار لوزۇنكا كۆتۈرگەنلەردىن ئىككى كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن، نامايىشچىلار يول توسۇش شەكلىدىكى نارازىلىقىنى 4 سائەتكە قەدەر توختاتمىغاندىن كېيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى ئىشخانىسىدىن چىقىپ، نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشكە چاقىرغان.

رادىئومىز خىتايچە بولۇمىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر ئەمەلدارلىرى، مەزكۇر ئىككى قۇرۇلۇش پىلانىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار نامايىش مەيدانىدىن تارقىغان.