شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر تورىنى رەسمىي يولغا قويدى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا 15-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر تورىنى رەسمىي تۈردە يولغا قويدى.

شىنخۇا تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر ئۇيغۇرچە سەھىپىنى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئېنىق، توغرا ئۇچۇرلاردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئاچقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تەبرىك سۆزىدە، شىنخۇا ئۇيغۇرچە تورىنى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن دۇنيا ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ياردەم قىلىدۇ، دېگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
-شىنخۇانىڭ ئۇيغۇرچە تور بەت قۇرغانلىقى ياخشى ئىش. بىراق، شىنخۇا دېگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا خىل پىكىرلەرگە يول قويمايدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىسى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ تور بەت پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقىلا خىزمەت قىلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلەر تورى خىتاي تىلىدىن باشقا ئىنگلىز، فرانسۇز، ئىسپان، رۇس، فارس، ياپونچە بولۇپ، 6 خىل تىلدا خەۋەر بېرىدۇ. ئۇيغۇر تىلى سەھىپىسى بولسا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى مىللەتلەر تىلىدا ئاچقان تۇنجى خەۋەر تورى. گەرچە شىنخۇا بۇ توربەتنى ئاچقاندىن بۇيان مىڭلىغان تور قوللانغۇچىسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا مۇستەقىل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.