ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە - ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بۇ ئايدا ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى 2009 - يىلى ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.
ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ياپونىيە ئىقتىسادىنى ياخشىلاش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە ياپونىيىنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتلەردىكى قاتتىق مەيدانى بىلەن خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
شىنزو ئابې ياپون مىللەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ماي توكيودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ياپونىيە - ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.