شۋېتسارىيە گۈەنتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشتا ئىككىلەنمەكتە

شۋېتسارىيە يېقىندىن بۇيان، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئىككى نەپەر ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇر مەھبۇسنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان، بۇنىڭغا خىتاي ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرمەكتە ئىدى.

بۈگۈن شۋېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتى بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. مۇزاكىرىدە، 10غا قارشى 15 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىش پىكرى رەت قىلىنغان. ئەمما بۇ ئاخىرقى قارار ئەمەس. ئاخىرقى قارار شۋېتسارىيە دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى ھەم شۋېتسارىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، جۇڭگو پۇقراسى بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتچىسى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

بۈگۈنكى شۋېتسارىيە پارلامېنتىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن Jacob Bucheler، قوبۇل قىلماسلىق قارارىنىڭ ئېلىنىشىدا، ئاساسلىقى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئويلاشقانلىقىنى، يەنى يېقىندا ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇققا ئائىت ۋەقەنىڭ، بۇ قېتىمقى قاراردا تەسىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۋېتسارىيە دۆلەت كېڭىشى يەتتە مىنىستىرلىقنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئاخىرقى قارارنى ئادالەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى Evelyne خانىمنىڭ بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.