شۋېتسارىيىدىكى سابىق گۈەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.10.05
2010.10.05
شۋېتسارىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاكا- ئۇكىلار ئەركىن ۋە بەختىيار مەخمۇت 4 - ئۆكتەبىر تۇنجى قېتىم ئاخبارات ساھەسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
شۋېتسارىيە رادىئوسىدا بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىگە قارىغاندا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنغا قاتناشقان يۇرا مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت خادىمى پيېر ئالان بەلەي بۇ ئۇيغۇر ئاكا - ئۇكىلارنىڭ شۋېتسارىيە جەمئىيىتىگە قەدەممۇ - قەدەم ماسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: "ئۇلار ئىشلارغا ئىجابىي قارايدۇ، ئۆگىنىشنى خالايدۇ ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىشنى ئىستەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدىم زور."
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ھازىر ئايرىم - ئايرىم ئۆيلەرگە كۆچكەن، ھەتتا خىزمەتمۇ تېپىپ بولغان ئىكەن.
ئالان بەلەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاكا - ئۇكىلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە باغۋەنچىلىك قىلىدىكەن.
ئەركىن ۋە بەختىيار مەخمۇت ئىككىيلەن بۇ يىل 24 - مارت شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي بازىسىدىكى مەھبۇسلۇق ھاياتىغا خاتىمە بېرىلگەن ئىدى.