شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئادىلجان ئابدۇلھېكىمنىڭ پاناھلىقىنى قوبۇل قىلدى

شۋېتسىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30 - ئاپرېل كۈنى شۋېتسىيە كۆچمەنلەر سوتى سابىق گۈەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنى ئادىلجان ئابدۇلھېكىمغا شىۋېتسىيىدە كۆچمەنلىك ھوقوقى بەرگەن.

بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئادىلجان ئابدۇلھېكىم، 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستان تەرىپىدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ،گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ 2006 - يىلى گۈەنتانامودىكى يەنە تۆت نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن.

2007 - يىلى 11 - ئايدا شىۋېتسىيىگە كىشىلىك ھوقوق يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۈچۈن كېلىپ تۇرۇپ قالغان ۋە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ پاناھلىق تەلىپى ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم شۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن.

بۇ قېتىم ئادىلجاننىڭ پاناھلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىدىكى يېڭى بىر سەھىپە ھېسابلىنىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتس بۈگۈن، گۈەنتانامو تۈرمىسى تاقالغاندىن كېيىن، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، گۈەنتانامودا تۇرۇۋاتقان دەرھال قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك 17 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۇلارنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىڭ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانىنى تىلغا ئالمىغان.

ئامېرىكا دائىرىلىرى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا قويۇپ بېرىلمىگەن ھالدىمۇ ھەرگىز خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئىزدەپ كەلمەكتە.