ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياننامىسىدا ئۆتكەن يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە ھازىرغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيە باش مىنىستىرىگە خەت يېزىپ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەم جازالىنىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .

دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، شۋېتسىيە باش مىنىستىرىدىنمۇ بۇ ھەقتە جاۋاب تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە 30 - مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پارلامېنت ئالدىدا شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم شۋېتسىيە ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى تەبرىكلەش ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.