بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان شۋېتسىيە باش مىنىستىرى فرېدرىك رېينفېلد ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فرېدرىك ئۆزىنىڭ بولۇپمۇ خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇ خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن. خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
خىتاي مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۋېتسىيە باش مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋاللىرى ئۈستىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە باش مىنىستىردىن جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلگەن - كەلمىگەنلىكى ھەققىدە ئاخباراتلاردا تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق.